تۈركىيە-ئۆزبېكستان-ئەزەربەيجان ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە-ئۆزبېكستان-ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، سودا ۋە قاتناش مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆزبېكستان پايتەختى تاشكەنتتە باشلاندى.

1862725
تۈركىيە-ئۆزبېكستان-ئەزەربەيجان ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە-ئۆزبېكستان-ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، سودا ۋە قاتناش مىنىستىرلىرى يىغىنىغا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش، قاتناش مىنىستىرى ئادىل كارائىسمائىلئوغلۇ، ئەزەربەيجاندىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ، دىجىتال تەرەققىيات ۋە قاتناش مىنىستىرى رەشات نەبىيېۋ، ئىقتىساد مىنىستىرى مىكائىل جابباروۋ، ئۆزبېكستاندىن تاشقى ئىشلار مىنىستىر ۋەكىلى ۋلادىمىر ناروۋ، قاتناش مىنىستىرى ئىلھام ماخاموۋ، تاشقى سودا ۋە مۇئاۋىن مەبلەغ سېلىش مىنىستىرى لازىز قۇدرەتوۋ قاتناشتى.

ئۆزبېكستان تاشقى ئىشلار مىنىستىر ۋەكىلى ۋلادىمىر ناروۋ سۆز قىلىپ، يىغىننىڭ ئەزەربەيجاننىڭ تەكلىپى ۋە تۈركىيەنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە دۇنيا ئىقتىسادىدىكى تېز تەرەققىياتلار ئەسلىدە تۈركىيە-ئۆزبېكستان-ئەزەربەيجان دىيالوگ فورماتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ۋە بۇنى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەجبۇر قىلدى. دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى سىياسىي ئىرادىلىرى ۋە تۈزگەن ھەرىكەت پىلانى سايىسىدا، ئۆزبېكستاننىڭ ئەزەربەيجان ھەمدە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى يېڭى دەۋرگە كىردى، مۇناسىۋەتلەر بۇ دەۋردە ئىستراتېگىيەلىك چوڭقۇرلۇققا ئىگە بولدى» دېدى.

ئۇ مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ نۇرغۇن خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ئورتاق مەيدانىنى نامايان قىلغانلىقىنى، ئوخشاش مەقسەت ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ بولسىمۇ، تىنچلىقپەرۋەر، داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان ۋە دىنامىك بولغان تۈرك دۇنياسىنى شەكىللەندۈرۈشتۇر» دېدى.

ئۇ تۈركىيە، ئۆزبېكستان ۋە ئەزەربەيجاننىڭ رايونلار ئارا ھەمكارلىقىدا مۇھىم ئاكتىيور بولالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈرك خەلقلىرى ياشايدىغان بۇ رايونلارنىڭ شەرق بىلەن غەرب، شىمال ۋە جەنۇب ئارىسىدا مىڭ يىللاردىن بېرى كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ كەلگەنلىكىنى، بۇ سەۋەبتىن، رايونلار ئارا قاتناش كارىدورلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نۇقتىسى جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۆزبېكستاننىڭ باكۇ-تىبلىس-كارس تۆمۈر يولىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىدىن ئاكتىپ پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكستان تۆمۈر يولى لايىھەسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ يولنىڭ ترانس كاۋكاز كارىدورىغا تۇتاشتۇرۇلۇشى بىلەن خىتايدىن ياۋروپاغىچە بولغان جۇغراپىيەدە تۆمۈر يول تورىنىڭ شەكىللىنىدىغانلىقىنى، ئۆزبېكستاننىڭ بۇ نۇقتىدىن زەنگۈزار كارىدورىنى قايتا ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا، تۈركىيە-ئۆزبېكستان-ئەزەربجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، سودا ۋە قاتناش مىنىستىرلىرىنىڭ ھازاردىن ئۆتىدىغان «شەرق-غەرب ئوتتۇرا كارىدورى» قاتارلىق ئۈچ دۆلەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىش تېمىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

مىنىستىرلار يىغىننى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، تاشكەنت خىتابنامەسىنى ئىمزالايدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر