مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تاشكەنتتە ۋىلادىمىر ناروۋ بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تاشكەنتتە ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەكىلى ۋىلادىمىر ناروۋ بىلەن كۆرۈشتى.

1862483
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تاشكەنتتە ۋىلادىمىر ناروۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە – ئۆزبېكىستان – ئەزەربەيجان ئۈچ تەرەپ تاشقى ئىشلار، سودا ۋە قاتناش مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەكىلى ۋىلادىمىر ناروۋ بىلەن كۆرۈشتى.

چاۋۇشئوغلۇ يېپىق يىغىندىن ئىلگىرى سۆز قىلىپ،  تۈركىيە – ئۆزبېكىستان – ئەزەربەيجان ئۈچ تەرەپ تاشقى ئىشلار، سودا ۋە قاتناش مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ بولۇپمۇ قېرىنداش دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودا، ئەشيا ئوبوروتى، قاتناش ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ دۆلىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان تەرەققىيات پىلانىغىمۇ ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆزبېكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى جەريانىدا كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، بۇ رامكا ئىچىدە ئۆزئارا سودا مىقدارىنىڭ تەدرىجىي ئېشىۋاتقانلىقىنى، ئۇنى 10 مىليارد دوللارغا يەتكۈزىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ناروۋ، ئۆزبېكىستان بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىك ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، يېقىنقى ئىككى يىلدا ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، سودا، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشىنىڭ ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ تېزلىشىشى ۋە تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز كامىلوۋ 27-ئاپرېل دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن كاتىپلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىلادىمىر ناروۋ پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيايېۋ تەرىپىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەكىللىكىگە تەيىنلەنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر