مىنىستىر سويلۇ ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، ئۆزبېكىستاننىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى تۈركىيەدىن ئايرىپ قارىيالمايدىغانلىقلىرىنىڭ بىلدۈرۈپ: «دۆلىتىمىز ئۈچۈن نېمىنى ئارزۇ قىلساق، ئۆزبېكىستان ئۈچۈنمۇ شۇنى ئارزۇ قىلىمىز» دېدى.

1860762
مىنىستىر سويلۇ ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇلايمان سويلۇ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن بارغان ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە (ئۆزبېكىستان) ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى پولات باباجانوف بىلەن كۆرۈشتى.

سويلۇ بىلەن باباجانوف ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن ئوندىن بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن كېيىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

سويلۇ يىغىندىكى سۆزىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىگە يەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مەسئۇلىيىتى زور ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىرىنىڭ ھەر ساھەدە نامايان قىلىنغان سەمىمىيلىك ۋە قېرىنداشلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن سويلۇ: «بۈگۈنكى كۈندە، ئۆزبېكىستان ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، ياقلاۋاتقان لىنىيەسى ۋە ئىنساننى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان پوزىتسىيەسى ئارقىلىق ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات ساھەسىدە زور قەدەملەرنى تاشلاۋاتىدۇ. بۇ بىزنى ھەقىقەتەن سۆيۈندۈرىدۇ» دېدى.

«بىز ئۆزبېكىستاننىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى دۆلىتىمىزدىن ئايرىپ قارىمايمىز» دېگەن مىنىستىر سويلۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «دۆلىتىمىز ئۈچۈن نېمىنى ئارزۇ قىلساق، ئۆزبېكىستان ئۈچۈنمۇ شۇنى ئارزۇ قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۆزبېكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى باباجانوف تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىخەتەرلىك، جامائەت خەۋپسىزلىكى، تېرررورلۇققا ۋە جىنايى قىلمىشلارغا قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى مول بىلىم ۋە تەجرىبىلىرىنىڭ ئۆزبېكىستان ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا مۇھىم قەدەملەرنىڭ تاشلانغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر