بەشىنچى نۆۋەتلىك «تۈرك دۇنياسى ئاتا مىراس تەنتەربىيەلىرى» پائالىيىتى باشلاندى

بۇرسا شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بۇ يىل 5 - قېتىملىقى ئۇيۇشتۇرۇلغان تۈرك دۇنياسى ئاتا (مىراس) تەنتەربىيەلىرى پائالىيىتى كەلەس ناھىيەسىدىكى كوجايايلادا باشلاندى.

1858676
بەشىنچى نۆۋەتلىك «تۈرك دۇنياسى ئاتا مىراس تەنتەربىيەلىرى» پائالىيىتى باشلاندى
turk dunyasi ata sporlari.jpg
turk dunyasi ata sporlari.jpg
turk dunyasi ata sporlari.jpg
turk dunyasi ata sporlari.jpg
turk dunyasi ata sporlari.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا ئېتنوسپورت بىرلەشمىسى رەئىسى بىلال ئەردوغان پائالىيەت جەريانىدا سۆز قىلىپ، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئېنېرگىيەسىنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ موھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈرك دۇنياسىنىڭ بۇ خىل شەكىلدە ئۆزئارا يېقىنلىشىشىنىڭ كۈچلەر ئىتتىپاقى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بىلال ئەردوغان تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشىنىڭ موھىملىقىنى بىلدۈرۈپ: «4-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 29 - سېنتەبىردىن 2 - ئۆكتەبىرگىچە ئېسىل ئىزنىك شەھىرىمىزدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھەممىمىز بىرلىكتە، ئىزنىكتە ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەتلەرنىڭ دۇنيادىكى تەرەققىياتىنى 100 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ قاتنىشىشى سايىسىدا ئىزنىكتە كۆرىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاھلاتتا، مالازگىرتتا بولىمىز. تۈركلەرنىڭ ئانادولۇنى ۋەتەنگە ئايلاندۇرۇشىنىڭ خاتىرە كۈنىدىمۇ ئاھلاتتا ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەتلەرنى خەلقىمىز بىلەن ئورتاقلىشىمىز. بۇ تەنتەربىيەلەردىكى ئەھۋالىمىز بىر قىزىقىش بولۇشتىن ھالقىپ ئاساسىي كەسپىيلەشكەن تەنتەربىيە قۇرۇلمىسىغا ئايىلىنىشقا قاراپ پوختا قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بىلال ئەردوغان سۆزلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇسابىقە ساھەسدىكى ئات ئۈستىدە ئوقيا ئېتىش ۋە چېلىشىش مۇسابىقىلىرىنى كۆردى ۋە ئوق ئېتىش ساھەسىگە كىرىپ ئوق ئاتتى ھەمدە رايونغا قۇرۇلغان چېدىرلارنى زىيارەت قىلىپ، پائالىيەتلەر ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر