ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1855619
ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسى تەرىپدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيېۋ 15-ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا ۋە تۈركىيە خەلقىگە تەبرىكلىرىنى سۇنغان.

ئىلھام ئەلىيېۋ 15 - ئىيۇلدا شېھىت بولغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت ۋە غازىلارغا بەخت-سائادەت تىلەپ، فەتۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنىشىغا قارشى تۈركىيەنىڭ دۆلەت ۋە مىللەت سۈپىتىدە نامايان قىلغان قەھرىمانلىقنىڭ ئۈلگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانمۇ ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيېۋنىڭ كۆرسەتكەن سەزگۈرلۈكىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ياخشى ۋە ناچار ۋاقىتلاردا كۆرسەتكەن ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقى بىلەن ھەقىقىي قېرىنداشلىق  ئۈلگىسىنى ياراتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر