ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىنى ئوققا تۇتتى

ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە چېگرا لىنىيەسىگە جايلاشقان باساركەچەر ۋىلايىتىدە تۇرۇشلۇق ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى كەلبەجەر ۋىلايىتىدە ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرى تۇرۇشلۇق ھەربىي نۇقتىلارنى ئوققا تۇتتى.

1851351
ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىنى ئوققا تۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن يېرىم كېچىدە، ئەرمېنىيەنىڭ باساركەچەر ۋىلايىتىنىڭ زەركەند ھەربىي بازىلىرىدىكى ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى، كەلبەجەر ۋىلايىتىنىڭ دەمىرچىدام رايونىدىكى ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي نۇقتىلىرىنى ئوققا تۇتقان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئەزەربەيجان قىسىملىرى ئەرمېنىيە تەرەپكە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرغان ۋە رايوننى كونتىرول ئاستىغا ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر