ئۆزبېكىستاندا نامايىشلاردىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى

ئۆزبېكىستاندا قاراقالپاقىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدىكى نامايىشلاردىن كېيىن، بىر ئايلىق جىددىي ھالەت  ئېلان قىلىندى.

1851107
ئۆزبېكىستاندا نامايىشلاردىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيويېۋ تەرىپىدىن ئىمزالانغان قارارنامە بىلەن قاراقالپاقىستاننىڭ ئۆزبېكىستان ئاساسىي قانۇنىدىكى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلىك سالاھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنىڭ ئۆزگەرتىلىشىگە دائىر بەزى تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، قاراقالپاقستاندا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ۋە 2 – ئاۋغۇستقا قەدەر جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قارارنامىدا جىددىي ھالەت ئۇقتۇرۇشىنىڭ پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئۇلارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش، قانۇنغا رىئايە قىلىش ۋە تەرتىپنى قوغداش ئۈچۈن چىقىرىلغانلىقى تەكىتلەندى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، قاراقالپاقىستان مىقياسىدا شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 21.00 دىن ئەتىگەن سائەت 07.00 گىچە كوچىغا چىقىشنى چەكلەش يولغا قويىلىدۇ.  

جىددىي ھالەت دائىرىسىدە، بىر ئاي بويىچە رايوندىكى مۇھىم بىنا ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ قوغدىلىشى كۈچەيتىلىدۇ. پۇقرالارنىڭ ئاپتوموبىللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ھەرىكەت ئەركىنلىكى چەكلىك ھالغا كەلتۈرىلىدۇ. پۇقرالارنىڭ كىملىكلىرى ​​تەكشۈرۈلىدۇ. قاراقالپاقستانغا كىرىش - چىقىش چەكلىنىدۇ. تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئاممىۋى پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەيدۇ.

بۇ قارارنامە بىلەن يەنە، قاراقالپاقىستان جىددىي ھالەت كومىتېتى رەئىسلىكى قۇرۇلدى ۋە ئۆزبېكىستان مىللىي مۇھاپىزەت قىسىملىرى قوماندانلىقىغا رۇستەم كورايېۋ تەيىنلەندى.

پىرېزىدېنت مىرزىيويېۋ تۈنۈگۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن قاراقالپاقىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى نۇكۇس شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، رايوننىڭ ئىلغار زاتلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

 

مىرزىيويېۋ قاراقالپاقىستاندا قىلغان سۆزىدە، خەلقنىڭ كۆز قارىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، قاراقالپاقستاننىڭ سالاھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي قانۇن ماددىلىرىنىڭ ئۆزگەرتىلمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر