مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ پايتەختى سارايېۋودىكى رەسمىي زىيارىتى دائىرىسىدە مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى.

1845274
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى
cavusoglu-bakir izetbegovic.jpg
Cavusoglu-Sefik Dzaferovic.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ كىرودىيەلىك ئەزاسى زېلجكو كومسىچ ۋە كېڭەش رەئىسى سەفىق دزافېروۋىچ بىلەن كۆرۈشتى، ئاندىن دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى باكىر ئىززەت بېگوۋىچ بىلەن كۆرۈشتى.

چاۋۇشئوغلۇ بۇ ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدە ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ ئەزاسى كومسىچ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ھەمدە بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ۋە رايوندىكى باشقا ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلدۇق. بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ رەئىسى دزافېروۋىچ بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ باردۇق. بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ۋە مۇقىملىقىنى قوللاپ- قۇۋۋەتلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا خەلق پارلامېنتى رەئىسلىك دىۋانىنىڭ بوشناق ئەزاسى شۇنداقلا «SDA» پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى قېرىندىشىم باكىر ئىززەت بېگوۋىچ بىلەنمۇ كۆرۈشتۇق» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ رەسمىي ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، سارايېۋودىكى چاقلىق ئورۇندۇق ۋاسكېتبول كوماندىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ كوماندىغا ئۇتۇقلۇق تىلەپ، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا چاقلىق ئورۇندۇق ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ توپچىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى ئەزاسى زېلجكو كومسىچ ۋە كېڭەش رەئىسى سەفىق دزافېروۋىچ، چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتلىرىدا، چاۋۇشئوغلۇنىڭ بوسنىيە ۋە گېرتسېگوۋىنا زىيارىتىدىن خۇشال بولغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

كومىسچ باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

دزافېروۋىچ: «تۈركىيە رايوننى مۇقىملاشتۇرغۇچى رولىغا ئىگە  ۋە بىزنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى، ئىگىلىك ھوقۇقىمىز ۋە ئىسلاھاتىمىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىمەكتە. بىز تۈركىيەنىڭ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىناغا قىلىۋاتقان ياردەملىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر