18-قېتىملىق سۈرىيە ئۇچرىشىشلىرى ئاخىرلاشتى

قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندا سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئۇچرىشىشلارنىڭ 18-قېتىملىقى، ئېلان قىلىنغان ئورتاق خىتابنامە بىلەن ئاخىرلاشتى.

1844479
18-قېتىملىق سۈرىيە ئۇچرىشىشلىرى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندا ئۆتكۈزۈلگەن 18-قېتىملىق سۈرىيە ئۇچرىشىشلىرى ئاخىرلاشتى.

خىتابنامەدە، سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشى ئۈچۈن تەييارلىنىدىغان شەرت-شارائىتلار مەسىلىسىنىڭ، ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسىي كۈنتەرتىپى بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتابنامەدە مۇنداق دېيىلدى:

«سۈرىيەنىڭ سىياسىي ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە مۇناسىۋەتلىك بېرىلگەن چىن ۋەدىلەر، ئاستانا مۇساپىسىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىنىشىدا ئوينايدىغان ئاساسىي رولى تەكىتلەندى.»

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سۈرىيە ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ غا قارشى كۈرەش ۋە دۆلەت چېگرالىرىنى قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر