تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋ ئىراندا زىيارەتتە بولدى

تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ ئىران زىيارىتى دائىرىسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە 9 كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالاندى.

1843886
تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋ ئىراندا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ئىراننىڭ پايتەختى تېھرانغا يېتىپ بارغان بەردىمۇھەممەدوۋ، ساداباد سارىيىدا ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى.

ھەيئەتلەر ئارا ۋە ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، ئىككى پىرېزىدېنتنىڭ ھۇزۇرىدا، سودا – ئىقتىساد، قاتناش،  ترانزىت ئۆتۈشلەر، مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرى، ئىلىم-پەن، تېخنولوگىيە، مۇھىت ۋە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئورگانلىرى ئارا ھەمكارلىق قاتارلىق ساھەلەردە  9 كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالاندى.

ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى، تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋ بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركمەنىستان بىلەن يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيانقى مۇناسىۋەتلىرىمىز ئىنتايىن ياخشى. بۇ زىيارەت، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتىن بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.»

ئافغانىستان مەسىلىسى توغرىلىقمۇ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ قاراشلىرىنىڭ بىر - بىرىگە يېقىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن رەئىسى، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئافغانىستاندا بارلىق ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ھەممىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىگە ئىشىنىمىز. دەرۋەقە، رايون مەسىلىلىرى شۇ رايوننىڭ رەھبەرلىرى تەرىپىدىن ھەل قىلىنىشى كېرەك.»

تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋ، مۇنداق دېدى: «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە ئېنېرگىيە بىلەن قاتناش ئىستىراتېگىيەلىك ساھەلەردۇر. بۇ ساھەلەردىكى پائالىيەتلەر ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ. دۆلەتلىرىمىز ئافغانىستاننىڭ رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق لايىھەلەرگە قاتنىشالايدىغان گۈللەنگەن دۆلەتكە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر