قازاقىستاندا خەلق ھازىرقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قوشۇلدى

قازاقىستاندا ھازىرقى ئاساسىي قانۇننىڭ ئۈچتىن بىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان دەسلەپكى بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە، خەلقنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قوشۇلغانلىقى كۆرۈلدى.

1838032
قازاقىستاندا خەلق ھازىرقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قوشۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان مەركىزى سايلام كومىتېتى تۈنۈگۈن (2022-يىلى 5-ئىيۇن) پۈتكۈل مەملىكەتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش رېفېراندۇمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، 19 مىليون نوپۇسى بولغان قازاقىستاندا تىزىمغا ئالدۇرغان 11 مىليون 734 مىڭ 642 سايلىغۇچىنىڭ تەخمىنەن 8 مىليونى (%68) بېلەت تاشلاشقا قاتناشقان بولۇپ، <قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە قوشۇمچە قىلىنىشىنى قوبۇل قىلامسىز؟>  دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن بېلەت تاشلىغان.

بېلەت تاشلىغان سايلىغۇچىلارنىڭ %77.18 ى «ھەئە»، %18.66 ى «ياق» دەپ جاۋاب قايتۇرغان.

رېفېراندۇمدا قوللىغۇچىلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان تەقدىردە، ھازىرقى 1995-يىلى قوبۇل قىلىنغان ئاساسىي قانۇننىڭ 33 ئاساسىي ماددىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈزش ۋە بۇ يىل 1-ئاينىڭ بېشىدا يۈزبەرگەن كەڭ كۆلەملىك ۋەقەلەردىن كېيىن، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تۈزۈمىنى قايتا تۈزۈشنىڭ نىشان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر