18- نۆۋەتلىك سۈرىيە تېمىلىق ئاستانە سۆھبىتى يىغىنى پايتەخت نۇر سۇلتاندا ئۆتكۈزۈلىدۇ

قازاقىستاننىڭ پايتەختى نۇر سۇلتاندا 6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە سۈرىيە تېمىلىق 18- نۆۋەتلىك ئاستانە سۆھبىتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1831423
18- نۆۋەتلىك سۈرىيە تېمىلىق ئاستانە سۆھبىتى يىغىنى پايتەخت نۇر سۇلتاندا ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئايبەك سمادىياروۋ تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ كاپالىتى ئاستىدا سۈرىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىش مەقسەت قىلىنغان ئاستانە سۆھبىتى يىغىنىنىڭ كېلەر ئاي قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئايبەك سمادىياروۋ 14 – ئىيۇندىن 16 ئىيۇنغىچە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان سۆھبەت يىغىنىڭ پايتەخت نۇر سۇلتاندا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ۋە مىنىستىرلىق بولۇش سۈپىتى ھازىر ئاستانە سۆھبىتى يىغىنىنىنىڭ ھەرقايسى كاپالەتچى دۆلەتلىرى بىلەن كۆزەتكۈچى سالاھىيەتلىك دۆلەتلەرنىڭ قاتنىشىشىنى تەستىقلاش باسقۇچىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن سۈرىيە تېمىلىق 17- نۆۋەتلىك ئاستانە سۆھبىتى يىغىنىدا، سۈرىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلىشى، جەنۋەدە سۇرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى خىزمەتلىرىنىڭ قايتىدىن باشلىتىلىشى، مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ۋە يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنى ئىزدەش قاتارلىق ئىشەنچ ئاشۇرغۇچى مۇھىم تەدبىرلەر كۈنتەرتىپ ماددىسى بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر