مۇستافا شەنتوپ شۇشا شەھىرىنى زىيارەت قىلدى

ئىقتىساد ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارلامېنت مەجلىسىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەزەربەيجانغا يېتىپ بارغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ قاراباغنىڭ سىمۋوللۇق شەھىرى شۇشانى زىيارەت قىلدى.

1829064
مۇستافا شەنتوپ شۇشا شەھىرىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىقتىساد ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارلامېنت مەجلىسىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەزەربەيجانغا يېتىپ بارغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ قاراباغنىڭ سىمۋوللۇق شەھىرى شۇشانى زىيارەت قىلدى.

ئەزەربەيجان پارلامېنتى تەشكىللىگەن زىيارەتتە، ئەزەربەيجان پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ساھىبە گافاروۋا، پاكىستان پارلامېنتىنىڭ باشلىقى راجا پەرۋائىز ئاشاراف ۋە تاجىكستان پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مەھمەدتوئىر زوكىرزادە بىرگە بولدى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ شۇشا ئالاھىدە ۋەكىلى ئايدىن كەرىموۋ، مۇستافا شەنتوپ ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتكە شەھەرنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بىناكارلىق ئۇسلۇبلىرى، ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

رەھبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت ئەزەربەيجاننىڭ مەدەنىيەت پايتەختى شۇشانىڭ شەھەر مەيدانىنى، قەلئەنى، شائىر خۇرشىدبانۇ خاتاۋاننىڭ ئۆيىنى، شائىر موللا ۋاگىفنىڭ قەبرىسىنى، قىدىر ئويمانلىقىنى ۋە جامەلەرنى زىيارەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر