ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى ئەزەربەيجان تەرەپكە ئوق چىقاردى

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە قاراشلىق ئەسكەرلەرنىڭ چېگرادىكى ئەزەربەيجانغا تەۋە جايلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1824714
ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى ئەزەربەيجان تەرەپكە ئوق چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، كەلبەجەر ۋىلايىتىنىڭ يۇقىرى ئايرىم يېزىسى يۆنىلىشىدىكى جايلارنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە باسارگەچەر ۋىلايىتىنىڭ ئازىزلى يېزىسىدىكى ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ئورۇنلىرىدىن قەرەللىك ھالدا ئېتىۋېتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ زۆرۈر تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقى، ھۇجۇملاردا ئادەم ئۆلۈش ياكى قورال – ياراغلارنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، رايوننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكى ۋە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئۈستۈنلۈكىنىڭ ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرىنىڭ تولۇق كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر