قازاقىستان: نەزەربايېۋنىڭ سالاھىيىتىنىڭ ئايرىم بېكىتىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق

قازاقىستاندا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش دائىرىسىدە نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ «قۇرغۇچى پىرېزىدېنت» سالاھىيىتىنىڭ ئايرىم بېكىتىلىشىگە ھاجەت يوقلۇقى بىلدۈرۈلدى.

1822252
قازاقىستان: نەزەربايېۋنىڭ سالاھىيىتىنىڭ ئايرىم بېكىتىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى يەرلان كارىن، تېلېگرامما قانىلىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاساسىي قانۇن كېڭىشىنىڭ، پىرېزىدېنت قاسىم جۆمەرت توقايېۋنىڭ «ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش» ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش، خەلقنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئىشتىراك قىلىشىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە پۇقرالارنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى، شۇنداقلا، ئاساسىي قانۇن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ بەزى ئەزالىرىنىڭ تەكلىپلىرى نەزەرگە ئېلىنىپ، قازاقىستاننىڭ بىرىنچى پىرېزىدېنتىنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدە ئاساسىي قانۇن كېڭىشىگە قوشۇمچە ئىلتىماس سۇنۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بىرىنچى پىرېزىدېنتنىڭ تارىخىي رولى ھەممىگە ئايان بولۇپ، ئاساسىي قانۇندا ئايرىم بېكىتىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر