ئەزەربەيجان چېگرادا ئەرمېنىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەرمېنىيە ئارمىيەسى قىسىملىرىنىڭ چېگرادىكى ئەزەربەيجان نۇقتىلىرىغا ئوق چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

1821652
ئەزەربەيجان چېگرادا ئەرمېنىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقى ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ چېگرادىكى نۇقتىلارغا ئوق چىقارغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، تۈنۈگۈن كەچتە (2022-يىلى 2-ماي) كەلبەجەر ۋىلايىتىنىڭ زەيلىك يېزىسى ئەتراپىدىكى نۇقتىلارغا، باسارگەچەر ۋىلايىتىنىڭ ئۈستۈن شورجا يېزىسىدىكى ئەرمېنىيە نۇقتىلىرىدىن ئوق چىقىرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئەزەربەيجان ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلغانلىقى ۋە ئۆلۈم-يېتىم كۆرۈلمىگەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، رايون ۋەزىيىتىنىڭ تىنچ ئىكەنلىكى، ۋەزىيەتنىڭ ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسى تۈنۈگۈن (2-ماي) ئوخشاش نۇقتىلاردا ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر