ئەزەربەيجان بىلەن قىرغىزىستان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك خىتابنامىسى ئىمزالىدى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپاروۋنىڭ ئەزەربەيجاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى جەريانىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك خىتابنامىسى ۋە بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالاندى.

1815248
ئەزەربەيجان بىلەن قىرغىزىستان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك خىتابنامىسى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت سادىر جاپاروۋنىڭ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى بولۇش ئۈچۈن بارغان ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ قارشى ئېلىنغانلىقىنى، ئارقىدىن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئەلىيېۋ ئايرىم ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندىكى سۆزىدە، ئەزەربەيجاننىڭ قىرغىزىستان بىلەن ھەر ساھەدە ئاكتىپ ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

قىرغىزىستان ۋە ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ئەلىيېۋ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، قاتناش، سودا مىقدارىنى ئاشۇرۇش ۋە رايون بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جاپاروۋمۇ ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

سۆھبەتتىن كېيىن ئەلىيېۋ بىلەن جاپاروۋ، «ئەزەربەيجان بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى خىتابنامىسى» ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دۆلەتلەر ئارا كېڭەش قۇرۇش رامكا كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.

ئەزەربەيجان بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئالاقىدار مىنىستىر ۋە ئورگانلىرى مائارىپ، ئاخبارات، دېھقانچىلىق، ئالاقە، ئاۋىياتسىيە ئالاقىسى، نەشر ھوقۇقى ۋە پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى تۈرلۈك كېلىشىملەرگە ئىمزا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر