ئەزەربەيجان ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلىنغان رايونلاردىن 55 مىڭدىن ئارتۇق مىنا ۋە پارتلاتقۇچ تازىلىدى

ئەزەربەيجان ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلىنغان رايونلارغا ئەرمېنىيە ئارمىيەسى ئورۇنلاشتۇرغان 55 مىڭدىن ئارتۇق مىنا ۋە پارتلاتقۇچنى تازىلىدى.

1806714
ئەزەربەيجان ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلىنغان رايونلاردىن 55 مىڭدىن ئارتۇق مىنا ۋە پارتلاتقۇچ تازىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلغان قاراباغ رايونى ۋە ئەتراپىدىكى ۋىلايەتلەردە ئىلگىرى ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئورۇنلاشتۇرغان مىنالارنى تازىلاش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئازاد قىلىنغان رايونلاردا ئەرمېنىيە ئارمىيىسى ئورۇنلاشتۇرغان نەچچە يۈز مىڭ مىنانىڭ بارلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

2-قاراباغ ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 2020-يىلى 10-نويابىردىن بۈگۈنگىچە 23 مىڭ گېكتار يەر مىنا تازىلاش مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلدى، تەكشۈرۈلگەن رايونلاردا 26 مىڭدىن ئارتۇق پارتلاتقۇچ، 19 مىڭدىن ئارتۇق ھەربىي خادىملارغا قارشى مىنا، 10 مىڭ تانكىغا قارشى مىنا تېپىلدى ۋە پاچاقلاپ تاشلاندى.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىشغالىيەت مەزگىلىدە ئورۇنلاشتۇرغان مىنالىرىنىڭ پارتىلىشى نەتىجىسىدە 2020-يىلى 10- نويابىردىن بۈگۈنگىچە 30 پۇقرا ۋە 7 ئەسكەرنى قوشقاندا جەمئىي 37 ئەزەربەيجان پۇقراسى قازا قىلدى. بۇ مەزگىلدە يەنە 111 ئەسكەر ۋە 49 پۇقرا مىنا پارتلاش سەۋەبىدىن يارىلاندى.

 

ئەرمېنىيە ئەزەربەيجاندا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بەدىلىگە فۇزۇلى ۋە زاڭگىلان ئۆلكىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 92 مىڭ مىنا ۋە ئاغدامغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 97 مىڭ مىنانىڭ خەرىتىسىنى بەرگەن ئىدى.

ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتى كېيىن ئەزەربەيجاننىڭ قولىدىكى بىر قىسىم ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بەدىلىگە بارلىق مىنا خەرىتىلىرىنى ئەزەربەيجانغا تاپشۇرغان ئىدى.

ئەزەربەيجان مەسئۇللىرى ئەرمېنىيە بەرگەن خەرىتىنىڭ توغرىلىق نىسبىتىنىڭ ئاران 25 پىرسەنت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر