تۈركىيەنىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئاممىۋى ئىپتار پىروگراممىسى ئۆتكۈزدى
تۈركىيەنىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى پايتەخت بىشكەكتىكى مەركىزى ئىمام سەراھسى جامەسىنىڭ ھويلىسىدا، رامىزاننىڭ بىرىنچى كۈنى ئاممىۋى ئىپتار پىروگراممىسى ئۆتكۈزدى.


تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ بىشكەك ئەلچىخانىسى دىنىي مۇلازىمەت مەسلىھەتچىلىكى تەرىپىدىن تەشكىللىگەن كوللېكتىپ ئىپتار پىروگراممىسىدا، ئەر-ئاياللار ئۈچۈن ئايرىم- ئايرىم داستېرخان سېلىندى.
شام نامىزىغا ئەزان ئوقۇلۇپ، نامازلىرىنى ئادا قىلغان جامائەت ئۈچۈن، جامە ھويلىسىنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلدى.
ئىپتار داستېرخانىسىغا كەلگەنلەرگە، سۇ، پولو، خام كۆكتات، خورما، يېشىل ئالما ۋە نان ئىكرام قىلىندى.
تۈركىيەنىڭ بىشكەكتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەھمەت سادىق دوغان قاتناشقۇچىلارنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى.
بۇ جامە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن 3.5 يىل ئىلگىرى قىرغىزىستانلىق مەنسەپېىشى سورونباي جەئىنبېكوۋنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېچىلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئەزەربەيجاندا شەھەر-يېزا ۋە كەنت مەجلىس ئەزالىقى ئۈچۈن سايلام ئۆتكۈزۈلدى
ئەزەربەيجاندا شەھەر، يېزا-بازار ۋە كەنت مەجلىس ئەزالىقى ئۈچۈن سايلام ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.