قازاقىستان ئۇكرائىناغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يوللىدى

قازاقىستان ئۇكرائىناغا 28.2 توننا داۋالاش ئەشيالىرىدىن تەركىب تاپقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى يوللىدى.

1795144
قازاقىستان ئۇكرائىناغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئاساسلىقى دورىلاردىن تەشكىل تاپقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ بىرىنچى قىسمىنىڭ  ئالمۇتا ئايرودرومىدىن ئۇكرائىناغا قاراپ يولغا چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، 17 خىل دورىدىن تەركىب تاپقان ۋە ئومۇمىي ئېغىرلىقى 28.2 توننا كېلىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ ئۇكرائىناغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ياردەمنىڭ پولشا ئارقىلىق ئۇكرائىناغا ئەۋەتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا يەنە، «قازاقىستان ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇكرائىناغا خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تارقىتىش مەركەزلىرى قۇرۇلغان قوشنا دۆلەتلەر بىلەن كېلىشتى. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ ئەتە ئىككىنچى قىسمىنى يوللايمىز» دېيىلدى.  

رۇسىيە قىسىملىرى 24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر