مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي قازاقىستان زىيارىتى ئۈستىدە توختالدى
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي قازاقىستاندىكى 2 كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتى توغرىسىدا ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن رايوندا كۈن تەرتىپلەرنىڭ ناھايىتى ئالدىراش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى تۆمۈر يول ۋە تاشيول تىرانسپورتى ئورتاق كارىدورىنى تېخىمۇ ئىقتىدارلىق ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھازار (كاسپىي) كارىدورى ئىنتايىن قويۇق پائالىيەتكە ئۆتىدىغان بىر لېنىيە بەرپا قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فۇئات ئوكتاي قازاقىستاندىكى 2 كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتى توغرىسىدا ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن رايوندا كۈن تەرتىپلەرنىڭ ناھايىتى ئالدىراش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھەم تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئەزاسى قازاقىستان بىلەن مەسلىھەتلىشىش، ھەم ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە باھالاش ئۈچۈن قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن فۇئات ئوكتاي، رايوندىكى كرىزىسنى تۈگىتىش ئۈچۈن قانداق ھەمكارلىشىش كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىرلەشكەنلىكىنى ئېيتتى.
فۇئات ئوكتاي بولۇپمۇ بىرلەشمە ئىقتىساد كومىتېتى رامكىسى ئىچىدە، ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغانلىقىنى، ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە نۇرغۇن ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنتايىن ئەتراپلىق ھەرىكەت پىلانى توغرۇلۇق پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
فۇئات ئوكتاي تۆمۈر يول ۋە تاشيول تىرانسپورتى ساھەسىدە ئورتاق كارىدورنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ئىقتىدارلىق ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «تۈركىيەدىن ھەر كۈنى دېگۈدەك بىر ئېكسپورت پويىزىمىز بۇ رايونغا كېلىدۇ ۋە خىتايغىچە بارىدۇ. <تىرانس ھازار (كاسپىي)> دەپمۇ ئاتىلىدىغان ھازار كارىدورى ئىنتايىن قويۇق پائالىيەتكە ئۆتىدىغان بىر لىنىيە قۇرۇپ چىقىشنى خالايمىز. ھازىر مەۋجۇت، ئەمما بىز مەۋجۇت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى ۋە كېڭەيتىشنى خالايمىز» دېدى.