قازاقىستان رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانى مەسىلىلەرنى سۆھبەت يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىردى

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توكايېۋ، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانى سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ چۈشىنىش ھاسىل قىلىشقا چاقىردى.

1787884
قازاقىستان رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانى مەسىلىلەرنى سۆھبەت  يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توكايېۋ، رۇسىيە  - ئۇكرائىنا ئۇرۇشى تۈپەيلى رايوننىڭ گېئوپولىتىك (سىياسىي جۇغراپىيەلىك)  ۋەزىيىتىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ناچارلاشقانلىقىنى بايان قىلىپ، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانى سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ چۈشىنىش ھاسىل قىلىشقا چاقىردى.

توكايېۋ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئامانات (نۇر ئوتان) پارتىيەسىنىڭ پايتەخت نۇر سۇلتاندا ئۆتكۈزۈلگەن 22 - قېتىملىق پەۋقۇلئاددە يىغىنىدىكى سۆزىدە، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش تۈپەيلى رايوننىڭ گېئوپولىتىك ۋەزىيىتىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ناچارلاشقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

توكايېۋ مۇنداق دېدى: «بىز ھەر ئىككى دۆلەتنى سۆھبەت ئۈستىلىدە ئورتاق تىل تېپىشقا چاقىرىمىز. زۆرۈر تېپىلغاندا مۇرەسسەچى بولۇشقا تەييارمىز.»

ئۇ، قازاقىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ۋەزىيەتكە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختىلىپ، دۆلىتىنىڭ «زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى»غا ھۆرمەت قىلىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز ياۋرو - ئاسىيا بىخەتەرلىكىنىڭ پارچىلانماسلىقى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇمىز . مەن بۇنى 10 - فېۋرال موسكۋادىكى زىيارىتىمدىمۇ ئىپادىلىگەنىدىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر