بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا قىرغىن قىلىنغان 3 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى
بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ موستار شەھىرىدىكى كوللېكتىپ مازارلىقتىن بوسنىيە ئۇرۇشىدا قىرغىن قىلىنغان 3 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا، موستارغا يېقىن مىلجكوۋىچ رايونىدىن 3 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا تەپتىش مەھكىمىسى ئۇرۇش جىنايىتى بۆلۈمىنىڭ بىر مۇپەتتىشى كوللېكتىپ مازارلىقتىن جەسەتلەرنى چىقىرىش خىزمىتىنىڭ ماسلاشتۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
كوللېكتىپ مازارلىقتىن قېزىپ چىقىرىلغان قۇربانلارغا تەۋە سۆڭەكلەرنىڭ DNA تەكشۈرۈلۈشىگە يوللانغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ كىملىكىنىڭ ئېنىقلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
1992-يىلى 1-مارتتا باشلانغان بوسنىيە ئۇرۇشى، 1995-يىلى 12- دېكابىرغىچە داۋاملاشقان ئىدى.
ئۈچ يىلدىن كۆپرەك داۋاملاشقان بۇ ئۇرۇشتا 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە تەخمىنەن 2 مىليون كىشى كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.