«شۇشا خىتابنامىسى» كۈچكە ئىگە بولدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش نىشان قىلىنغان «شۇشا خىتابنامىسى» نى تەستىقلاشقا ئائىت قانۇن يولغا قويۇلدى.

1778197
«شۇشا خىتابنامىسى» كۈچكە ئىگە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2021 – يىلى 15 – ئىيۇن كۈنى ئەزەربەيجاننىڭ شۇشا شەھىرىدە ئىمزالانغان «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش نىشان قىلىنغان <شۇشا خىتابنامىسى> غا مۇناسىۋەتلىك قانۇن رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

«شۇشا خىتابنامىسى» ئارقىلىق ھەم تۈركىيە – ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇۇش، ھەمدە تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان «زەنگەزۇر كارىدورى» نىڭ ئېچىلىشى ۋە «نەخچىۋان – قارس تۆمۈر يولى» قۇرۇلۇشىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش، بۇ دائىرىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش نىشان قىلىنماقتا.

تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ، خىتابنامە ئارقىلىق، رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك ھەم مۇقىملىق مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشى يولىدا ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، تەرەپلەردىن بىرىنىڭ مۇستەقىللىقى ياكى زېمىن پۈتۈنلۈكى ئۈچىنچى بىر دۆلەت تەرىپىدىن تەھدىتكە دۇچ كەلگەن تەقدىردە، تەرەپلەرنىڭ بىر - بىرىگە ياردەم بېرىشى؛ بولۇپمۇ تېررورىزم، تەشكىللىك جىنايەتلەر، زەھەر ئەتكەسچىلىكى، قانۇنسىز كۆچمەنلىككە قارشى كۈرەشتە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە ھەمكارلىقنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشى مەقسەت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر