تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش كەركۈك شەھىرىدە 2 ساقچىنى ئۆلتۈردى

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ فېدېراتسىيە ساقچى قىسىملىرىغا قىلغان ھۇجۇمىدا، 2 ساقچى قازا قىلدى.

1770884
تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش كەركۈك شەھىرىدە 2 ساقچىنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئامىر نۇرى شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى رىياد ناھىيەسىگە يېقىن ئىراق فېدېراتسىيە ساقچىلىرىغا تەۋە كۆزىتىش نۇقتىسىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامىر نۇرى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن ئەھمەد ئەت-تاييار يېزىسىنىڭ يېنىدىكى كۆزىتىش نۇقتىسىغا ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى، ھۇجۇم نەتىجىسىدە 2 ساقچى قازا قىلىپ، 1 ساقچىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئامىر نۇرى ھۇجۇمدىن كېيىن، تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يېقىندا رايوندا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر