قازاقىستاندىكى قىزىل تېرورلۇققا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت ئاخىرلاشتى

قازاقىستاندا ئالمۇتا شەھىرى قاتارلىق بارلىق رايونلاردا ئېلىپ بېرىلغان تېرورلۇققا قارشى ھەرىكەت ئاخىرلاشتى.

1768720
قازاقىستاندىكى قىزىل تېرورلۇققا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت ئاخىرلاشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاننىڭ تېرورلۇققا قارشى كۈرەش قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئالمۇتا  ۋە جامبىل ئۆلكىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ دۆلەت مىقياسىدىكى تېررورلۇق تەھدىتىلىرىگە قارىتا قىزىل سەۋىيەلىك ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا 225 كىشىنىڭ قازا قىلىشى بىلەن نەتىجىلەنگەن قوزغىلاڭلارنى تەشكىللىگۈچىلەر ۋە قاتناشقۇچىلارنى ئېنىقلاش پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سانجار ئادىلوۋ مۇخبىرغا بەرگەن باياناتىدا، تېرورلۇققا قارشى ھەرىكەت دائىرىسىدە 515 دانە ئوغرىلانغان قورالنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

سانجار ئادىلوۋ 98 مەھبۇسنىڭ قورال ئوغرىلىغانلىقى ۋە 61 كىشىنىڭ قانۇنسىز قورال ساقلىغانلىقى ئۈچۈن سوتلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

قازاقىستان باش تەپتىش مەھكىمىسىمۇ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، 3 دېلونىڭ قاتىللىق دېلوسى سۈپىتىدە تەكشۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

2000 جىنايى ئىشلار دېلوسىنىڭ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن تەپتىش مەھكىمىسى، بۇ دېلولاردىكى 898 جىنايەت گۇماندارىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش مۇددىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

قازاقىستاننىڭ غەربىدە 2 -يانۋاردا سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى (LPG) باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى ۋە دۆلەتتىكى ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ كۈنسېرى ناچارلىشىشىغا نازارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن باشلانغان نامايىش قازاقىستاننىڭ سابىق پايتەختى ئالمۇتادا زوراۋانلىققا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توكايېۋ قازاقىستاننىڭ چەتئەلگە چېتىشلىق تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە ئۆزلىرى ئەزا بولغان كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىدىن تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى يوللاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

قازاقىستان ھۆكۈمىتى نامايىشچىلارنىڭ دۆلەت بىنالىرىنى ئىشغال قىلىۋالغانلىقى، قورال ئىشلەتكەنلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىگە زىيان يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى سەۋەبىدىن بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا تېرورلۇققا قارشى ھەرىكەت باشلاش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر