شىمالىي قىبرىستا ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ئەتە مۇددەتتىن بۇرۇن ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1766712
شىمالىي قىبرىستا ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2018 – يىلى 7 – يانۋار كۈنى پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە، تىزىمغا ئېلىنغان 203 مىڭ 792 سايلىغۇچى، ئارىدىن 4 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 763 ساقدۇقتا بېلەت تاشلايدۇ.

جۇمھۇرىيەت مەجلىسىدىكى 50 ئورۇندۇق ئۈچۈن، 3 مۇستەقىل ۋە 8 سىياسىي پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى نامزاتلىرى رىقابەتلىشىدۇ.

سايلامدا % 5 لىك سايلام چەكلىمىسىدىن ھالقىپ ئۆتەلىگەن سىياسىي پارتىيەلەر، جۇمھۇرىيەت مەجلىسىگە كىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر