ۋىلادىمىر پۇتىن ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفوندا ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى.

1764959
ۋىلادىمىر پۇتىن ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق (كرېمىل) سارىيى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، پۇتىن ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان بىخەتەرلىك كاپالىتى توغرىسىدىكى مۇزاكىرىلەردىن ئىلھام ئەلىيېۋغا مەلۇمات بەرگەن.

قازاقىستاندىكى ۋەقەلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، قازاقىستان ۋەزىيىتىنىڭ تېز مۇقىملاشقانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقلىرى تىلغا ئېلىنغان.

پۇتىن بىلەن ئەلىيېۋنىڭ سۆھبىتىدە روسىيە ۋە ئەزەربەيجاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيېۋ 14-يانۋار پايتەخت كىيېۋدا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر