نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ جىيەنى سەمەت ئابىش ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

قازاقىستاندا قۇرغۇچى پىرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ جىيەنى سەمەت ئابىش دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

1763635
نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ جىيەنى سەمەت ئابىش ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پىرېزىدېنت قاسىم جۆمەرت توقايېۋنىڭ قارارى بىلەن، ئابىشنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىلگىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى كەرىم مەسىموۋ ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ ۋەتەنگە خىيانەت قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى بايان قىلىنغان، ئەمما ئابىش ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋەرگەن ئىدى.

نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ كۇيئوغلى تىمۇر كۇلىبايېۋنىڭمۇ مەملىكەتلىك ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر پالاتاسى ئاتامېكېننىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر