ئەزەربەيجان باش ئەلچىسى قازاقىستاندىكى ۋەقەلەر ۋە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئۈستىدە توختالدى

ئەزەربەيجاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رەشىد ماممادوۋ ماممادوۋ (تۈنۈگۈن) پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىنستىتۇتىدا «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ۋە ئەزەربەيجان» تېمىلىق نۇتۇق سۆزلىدى.

1763245
ئەزەربەيجان باش ئەلچىسى قازاقىستاندىكى ۋەقەلەر ۋە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رەشىد ماممادوۋ تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورمال دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت ئەمەس، بەلكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيە-ئەزەربەيجان قېرىنداشلىقىنىڭ ئۈلگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ماممادوف ئەزەربەيجاننىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورمال دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتتىن ئۈستۈن، قېرىنداشلىق ۋە ئۇرۇق -تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئەزەربەيجاننىڭ تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە تاماملىغان لايىھەسى ئۈستىدە توختالدى ۋە باكۇ-تىبلىس-جەيخان نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسى شۇنداقلا باكۇ-تىبلىس-كارس تۆمۈر يولى لايىھەسىنى مىسال كەلتۈردى.

ئەزەربەيجاننىڭ بۇ لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا تۈركىيەنىڭ ياردىمىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان مامادوۋ، بۇ لايىھەلەرنىڭ ھەممەيلەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «تۈركىيە ھېچبىر دۆلەتكە تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدۇ. تۈركىيە پەيدا قىلىنغان تەھدىتلەرنىڭ ئالدىنى ئالماقتا. ئەزەربەيجانمۇ ئوخشاش. تۈركىيە-ئەزەربەيجان قېرىنداشلىقى بىر ئۈلگىدۇر» دېدى.

ماممادوۋ ئەزەربەيجاننىڭ تۈركىيەدە پەقەت ئېنېرگىيە ساھەسىگىلا 19 مىليارد 500 مىليون دوللار مەبلەغ سالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تەۋە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ پايدىسىنى كىم كۆرىۋاتىدۇ؟ بىز كۆرىۋاتىمىز. ئەزەربەيجان ئارمىيەسى تۈركىيە ئەندىزىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان» دېدى.

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئالغان ماممادوف، بۇ تەشكىلاتنىڭ باشقا تەشكىلاتلارغا ئوخشىمايدىغان شەكىلدە «تەبىئىي» ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ تەشكىلاتنى ئەزا دۆلەتلەر پۇقرالىرىنىڭ ئارزۇ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ماممادوۋ قازاقىستاندىكى ۋەقەلەر ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «ئىجتىمائىي مەسىلىلەر، ئىچكى ئامىللارمۇ ناھايىتى چوڭ ئىدى، بۇ ۋەقەلەرنى سۇيىئىستېمال قىلغانلارمۇ كۆپ ئىدى» دېدى.

ماممادوف بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن قازاقىستان ۋە قازاقىستان خەلقىنىڭ تېخىمۇ بەك كۈچىيىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر