تۈركىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچى جۇمھۇر رەئىسى دەنكتاشنى خاتىرىلىدى

تۈركىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچى جۇمھۇر رەئىسى رائۇف دەنكتاشنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 10 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان  قىلدى.

1761903
تۈركىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچى جۇمھۇر رەئىسى دەنكتاشنى خاتىرىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچى جۇمھۇر رەئىسى مەرھۇم رائۇف دەنكتاشنىڭ قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن كۆڭۈل ۋە پىكىر بىرلىكى ئىچىدە ئېلىپ بارغان  كۈرەشكە قوشقان مىسلىسىز تۆھپىلىرى ۋە پاراسەتلىك رەھبەرلىكىنىڭ قەلبلەردە مەڭگۈ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچى جۇمھۇر رەئىسى رائۇف دەنكتاشنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 10 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مەرھۇم دەنكتاشنىڭ چەكسىز ھۆرمەت ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە خاتىلىرىنىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «مەرھۇم رائۇف دەنكشتانىڭ قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ئەركىنلىكى، مەۋجۇدىيىتى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئانا ۋەتەن تۈركىيە بىلەن كۆڭۈل ۋە پىكىر بىرلىكى ئىچىدە ئېلىپ بارغان  كۈرەشكە قوشقان مىسلىسىز تۆھپىلىرى ۋە پاراسەتلىك رەھبەرلىكى  قەلبلەردە مەڭگۈ ھايات.»

باياناتتا يەنە، تۈركىيەنىڭ تارىخىي ۋە مەنىۋى مەسئۇلچانلىقلىرىنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكى ۋە خەلقئارادىكى تەڭ ھوقۇقلۇق ئورنىنى قوغداش جەھەتتىكى قەتئىي كۈرەشلىرىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتايمۇ،  شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچى جۇمھۇر رەئىسى رائۇف دەنكتاشنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 10 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە  ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «قىبرىس داۋاسىنىڭ تەۋرەنمەس قوغدىغۇچىسى، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچى جۇمھۇر رەئىسى رائۇف دەنكتاشنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 10 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، مەرھۇم دەنكتاشنى چەكسىز ھۆرمەت ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر