ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە چېگراسى يەنە بىر قېتىم جىددىيلەشتى
ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن چۈشتە ئەرمېنىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ كەلبەجەر تەرەپتە قوزغىغان ئىغۋاگەرچىلىكى سەۋەبىدىن چېگرادىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
1761119

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇداخىلە قىلىش (ئارىلىشىش) تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانلىقى، بۇ دائىرىدە زەمبىرەك ياكى ئايروپىلان ئىشلىتىلمىگەنلىكى، ۋەزىيەتنىڭ ئەزەربەيجان تەرەپنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.