رۇسىيە قازاقىستان ۋەزىيىتىنىڭ نورماللىشىشىنى ئۈمىد قىلدى

رۇسىيە قازاقىستاندىكى نامايىشلارغا مۇناسىۋەتلىك ۋەزىيەتنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نورماللىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1757744
رۇسىيە قازاقىستان ۋەزىيىتىنىڭ نورماللىشىشىنى ئۈمىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، قازاقىستاندىكى ۋەقەلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ھەممە مەسىلىلەرنى كوچىلاردا قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ، قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاساسىي قانۇن، قانۇن ۋە دىيالوگ رامكىسىدا تىنچلىق ئۇسۇلىدا ھەل قىلىشنى قوللايمىز.»

باياناتتا يەنە، قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋنىڭ بۇ ھەقتە تاشلىغان قەدەملىرىنىڭ، ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشنى، قانۇنىي تەلەپلەردە بولغان نامايىشچىلارنىڭ مەسىلىلىرىنى دەرھال ھەل قىلشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى ۋە: «رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك ۋە ئىتتىپاقلىق مۇناسىۋەتلىرى، قېرىنداشلىق ۋە ئىنسانىي مۇناسىۋەتلىرى بولغان بۇ دۆلەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نورماللىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېيىلدى.

قازاقىستاندىكى رۇسىيە دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ۋەزىيەتنىڭ نورمال ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، نامايىشلاردا ھېچقانداق رۇسىيە پۇقراسىنىڭ زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىمىغانلىقى، ۋەزىيەتنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قازاقىستاننىڭ غەربىدە 2-يانۋار (2022) دىن باشلاپ، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى، دۆلەتتىكى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ يامانلاشقانلىقى سەۋەب قىلىنىپ باشلانغان نامايىشلار، باشقا جايلارغىمۇ كېڭەيدى.

كوچىلاردىكى نامايىشلاردا، خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بەردى.

خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ساقچى ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللارغا ئوت قويۇپ، ھۆكۈمەت بىنالىرىغا كىرگەن نامايىشچىلارنى ئاۋاز بومبىسى ئېتىپ تارقىتىۋەتتى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ پارتلىغان نامايىشلارغا ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلدى.

نامايىشلارنىڭ بەزى رايونلارغا كېڭىيىشى بىلەن، پايتەخت نۇرسۇلتان، ئالمۇتا شەھىرى ۋە مانگىستاۋ ئىشتاتلىرىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.  

   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر