ئەزەربەيجان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى مانېۋىرى ئۆتكۈزدى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان «بايراقتار» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

1742084
ئەزەربەيجان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى مانېۋىرى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەمبەھرىلىگەن كۆرۈنۈشلەردە، بايراقتار ناملىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇھاپىزەت ئورۇنلىرىدىن چىقىرىلىپ قوزغىلىش مەيدانىغا ئېلىپ بېرىلىشى، خادىملار تەرىپىدىن كونترول قىلىنىشى، يېقىلغۇ ۋە ئوق – دورا تولۇقلاش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىش جەريانى قاتارلىقلارغا ئورۇن بېرىلدى.

مانېۋىر دائىرىسىدە قوزغالغان قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى سىمۋول خاراكتېرلىك دۈشمەن نىشانلىرىنى بايقاپ بىتچىت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر