ئەزەربەيجاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى

ئەزەربەيجاندا دۆلەتلىك چېگرا مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

1740735
ئەزەربەيجاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەتلىك چېگرا مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان، شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، خىزى رايونىنىڭ قاراھەيبەت ھاۋا مەشىق ساھەسىدە چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، قازادا تىك ئۇچار ئايروپىلان ئۇچقۇچىلىرىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ۋە يارىلانغانلار بار ئىكەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، دائىرىلەر نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلىگەن ۋە قازانىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر