ئەمىنە ئەردوغان ئەنئەنىۋى تۈركمەن مېھماندوستلۇقى ئۈچۈن بەردىمۇھەمەدوۋ ۋە ئايالىغا رەخمەت ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئايالى ئەمىنە ئەردوغان ئەنئەنىۋى تۈركمەن مېھماندوستلۇقىنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى قۇربانگۇلى بەردىمۇھەمەدوۋ ۋە ئايالى ئوگۇلگەرەك خانىمغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

1739973
ئەمىنە ئەردوغان ئەنئەنىۋى تۈركمەن مېھماندوستلۇقى ئۈچۈن بەردىمۇھەمەدوۋ ۋە ئايالىغا رەخمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمىنە ئەردوغان تىۋىتتېر ئادرېسىدا بىرلىكتە چۈشكەن سۈرەتنى ھەمبەھىرلەپ، «ئاشخابات زىيارىتىمىز بويىچە بىزگە ئەنئەنىۋى تۈركمەن مېھماندوستلۇقىنى كۆرسەتكەن تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوۋ ۋە ئۇنىڭ قىممەتلىك ئايالى ئوگۇلگەرەك خانىمغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر