رۇسىيە قىرىمدا قالايمىقان تۇتقۇن قىلىشنى باشلىدى

ئۇكرائىنا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەمىنە جەپپار رۇسىيەنىڭ قانۇنسىز قوشۇۋالغان قىرىمدا، 31 نەپەر قىرىم تاتارى تۈركلەرنى نازارەتكە ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1737899
رۇسىيە قىرىمدا قالايمىقان تۇتقۇن قىلىشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمىنە جەپپار تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، قىرىم تاتار پائالىيەتچىلىرىدىن تۇتۇپ تۇرۇش ۋاقتى تولغان ئادۋۇكات ئەدەم سەمەدلايېۋنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەنكىنى بىلدۈردى.

ئاياللار ۋە ژۇرنالىستلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 31 نەپەر قىرىم تاتارىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەمىنە جەپپار، «رۇسىيە دەرھال خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش قىلمىشلىرىغا خاتىمە بېرىشى كېرەك ۋە قانۇنسىز نازارەتكە ئېلىنغان بارلىق ئۇكرائىنا پۇقرالىرىنى قويۇپ بېرىشى لازىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر