ئۆزبېكىستان – قازاقىستان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە

ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان ئارمىيەلىرى ئافغانىستان چېگراسىدىكى تىرمىزى شەھىرىدە  بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە.

1736377
ئۆزبېكىستان – قازاقىستان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  ئافغانىستان چېگراسىدىكى تىرمىزى شەھىرى ئەتراپىغا جايلاشقان پولىگون رايونىدا، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا «ھەمكارلىق -2021» ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر،  ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمى بىلەن باشلانغان.

مۇراسىمغا، ئۆزبېكىستان مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى قادىرجان تۇرسۇنوۋ بىلەن قازاقىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانى قانىش ئەبۇباكىروۋ قاتناشقان.

ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان ھەربىي دائىرىلىرى، مۇراسىمدا قىلغان سۆزلىرىدە، ئىككى خەلق ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن يىللىق قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەر ساھەدە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ دائىرىدە، ھەربىي ساھەدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭمۇ تەدرىجىي كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، ئۆزبېكىستان بىلەن قازاقىستان ئارمىيەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ھەربىي مەلۇمات ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، 24 – نويابىرغىچە داۋاملىشىدىغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ نىشانى، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ، قۇرۇقلۇقتا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ۋە دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇش قىلىش، قوراللىق ئۇنسۇرلارنى ئېنىقلاپ چىقىپ، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر