ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە چېگراسىدىكى توقۇنۇش توختىدىمۇ؟

رۇسىيە ۋە ئەرمېنىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە چېگراسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ توختىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1734928
ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە چېگراسىدىكى توقۇنۇش توختىدىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىىنىڭ يازما باياناتىدا، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە چېگراسىدىكى ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن قەدەملەرنىڭ تاشلانغانلىقى بىلدۈردى.

باياناتتا، «ھازىر قاراكىلىسەدە توقۇنۇش توختىدى، ۋەزىيەت نورمال ھالەتكە كەلدى ۋە كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى» دېيىلدى.

ئەرمېنىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ باياناتىدا، «رۇسىيەنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە چېگراسىدا شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 17:30 ئۆتكەندىن باشلاپ ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىندى» دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن ئاجراتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئەرمېنيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە چېگراسىدىكى جىددىيلىكنى مۇزاكىرە قىلدى.

كرېمىل سارىيىنىڭ يازما باياناتىدا، «ئىككى رەھبەر ئالاقىنى ساقلاشقا كېلىشتى» دېگەن ئىبارىلەر ئىشلىتىلدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇمۇ ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە چېگراسىدىكى جىددىيلىك توغرىسىدا ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋ ۋە ئەرمېنىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سۇرېن پاپىكيان بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشتى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە چېگراسىدىكى جىددىيلىكنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى تەكىتلىنىپ، «شويگۇ ھەر ئىككى تەرەپنى جىدىيچىلىكنى ئۇلغايتىدىغان ھەرىكەتلەرنى توختىتىشقا چاقىردى» دېيىلدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا بولسا، ۋەزىيەتنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن باكۇ ۋە ئېرېۋان دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلىششنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ئارلىقتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى باياناتچىلىرىدىن فەرخان ھەق ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

فەرخان ھەق ھەر ئىككى دۆلەتنى 2020-يىلى 9- نويابىر ۋە 11- يانۋاردا ئېلان قىلىنغان بايانات ۋە كېلىشىمدە چىڭ تۇرۇشقا، ئەندىشىلەرنى دىيالوگ ئارقىلىق تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا ۋە مۆتىدىللىككە چاقىرىپ، «ئىلگىرى يۈز بەرگەندەك جىددىيچىلىكنىڭ ئەۋج ئېلىشىنى كۆرۈشنى خالىمايمىز» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىللىنكېنمۇ ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ۋە تەرەپلەرنى جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە چاقىرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسى تۈنۈگۈن شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 11:00 دە چېگرادىكى بىر قىسىم چوقىلارنى ئىگىلەش ۋە تېخىمۇ پايدىلىق ئورۇنلارغا ئېرىشىش مەقسىتىدە لاچىن ۋە كەلبەجەر رايونلىرىغا قارىتا ھەربىي  ھەرىكەت ئېلىپ بارغان، ھۇجۇمدا ئىككى نەپەر ئەزەربەيجان ئەسكىرى يارىلانغان ئىدى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىمۇ ئوخشاش يۆنىلىشتە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، ھۇجۇم قىلغان ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنى نازارەتكە ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر