ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلىنغان شۇشادا تۇنجى خەلقئارالىق كونفېراس ئۆتكۈزۈلدى

ئەزەربەيجاننىڭ مەدەنىيەت پايتەختى شۇشادا تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق كونفېراس ئۆتكۈزۈلدى.

1730730
ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلىنغان شۇشادا تۇنجى خەلقئارالىق كونفېراس ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شۇشادا 8- نويابىر غەلىبە كۈنىدىن ئىلگىرى، يەر شارى باكۇ مۇنبىرى دائىرىسىدە، «مەدەنىيەت مىراسلىرى» ناملىق خەلقئارالىق كونفېراس چاقىرىلدى.

كونفېراسقا قاتناشقان مېھمانلار بىلەن بىرگە، يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ئاخبارات ۋەكىللىرى تۇنجى قېتىم فۇزۇلى خەلقئارا ئايرودرومىنى زىيارەت قىلدى.

قاتناشقۇچىلار ئايرودرومدىن ئاپتوبۇس بىلەن 60 كىلومىتىر يول يۈرۈپ شۇشاغا يېتىپ باردى.

ۋەكىللەر مەدەنىيەت پايتەختىدىكى تارىخى جامى ۋە ئابىدىلەرنى زىيارەت قىلدى.

كونفېراسقا ئەدالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بىنالى يىلدىم سىنلىق ئۇچۇر يوللىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر