ئاكار: كەلگۈسىنى ئۆچ-ئاداۋەتنىڭ ئۈستىگە قۇرغىلى بولمايدۇ

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار: « كەلگۈسىنى ئۆچ-ئاداۋەتنىڭ ئۈستىگە قۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىشى كېرەك. ئەرمېنىيە دۈشمەنلىكتىن ۋاز كېچىپ كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىشى كېرەك» دېدى.

1730859
ئاكار: كەلگۈسىنى ئۆچ-ئاداۋەتنىڭ ئۈستىگە قۇرغىلى بولمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار باش شتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر ۋە باشقا بىر قىسىم ئارمىيە قوماندانلىرى بىلەن ئەزەربەيجانغا يېتىپ باردى.

پايتەخت باكۇدا ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوف ۋە باشقا ئەمەلدارلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن ئاكار باشچىلىقىدىكى قوماندانلار ئايرودۇرۇمدىن ھەيدەر ئەلىيېۋ مەدەنىيەت مەركىزىگە بېرىپ، «8-نويابىر غەلىبە كۈنى» ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان تەبرىكلەش پىروگراممىسىغا قاتناشتى.

قەھرىمان ئەزەربەيجان ئارمىيەسى قولغا كەلتۈرگەن بۇ غەلبىنىڭ، 44 كۈنلۈك كۈرەش بىلەن ئەمەس، بەلكى 30 يىللىق قەيسەرلىك، ئىشەنچ ۋە ئىرادە نەتىجىسىدە قولغا كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن مىنىستىر ئاكار:

«بۇ پەقەت ئەرمېنىيەگە قارشى قولغا كەلتۈرۈلگەن غەلىبە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئادالەتسىزلىك ۋە قانۇنسىزلىققا كۆز يۇمغان ۋە يىل سۈكۈت قىلغانلارغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى جاۋابتۇر.

ھەر ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش، خۇشاللىقىڭلارنى ئۆزىمىزنىڭ خۇشاللىقى، تەقدىرىڭلارنى ئۆزىمىزنىڭ تەقدىرى دەپ بىلگەن سىلەر جان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ئادىل كۈرىشىدە يەنە، سىلەر بىرگە بولدۇق. چۈنكى بىز ئوخشاش يىلتىز ۋە غولدىن ئوزۇقلانغان چوڭ چىنار دەرىخىنىڭ شاخلىرىغا ئوخشايمىز، بىز ئۇلۇغ بىر مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرىمىز» دېدى.

ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ تۈركىيە دۇچ كەلگەن تەبىئىي ئاپەت ۋە تەسادىپىي ۋەقەلەردە بارلىق ئىمكانىيەتلىرى بىلەن ياردەم قولىنى سۇنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«پۈتكۈل دۇنيا شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيەنىڭ قېرىنداشلىقى ئەزەلدىن كېلىپ ئەبەدىيلىككە سوزۇلغان. تۈنۈگۈنمۇ شۇنداقتى، بۈگۈنمۇ شۇنداق، ئەتەمۇ شۇنداق بولىدۇ. ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېف ئەپەندى ۋە ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز كەلگۈسى ئەۋلادلارغا تىنچلىقنى مىراس قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن ئىجابىي ئۇسۇلنى كۆرسىتىپ، مۇقىملىق ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىقنى ئاساس قىلغان يېڭى دەۋرنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى.

بىز ئەرمېنىيە دائىرىلىرىنىڭ ھازىرقى سىياسەتلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، بىزنىڭ ئالتە مۇنبەر تەكلىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. كەلگۈسىنى ئۆچ-ئاداۋەتنىڭ ئۈستىگە قۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىشى كېرەك. ئەرمېنىيە دۈشمەنلىكتىن ۋاز كېچىپ، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىشى كېرەك. بىز بۇ قاراش بىلەن، زىممىمىزگە چۈشكەن تارىخىي مەسئۇلىيەت بويىچە رايونىمىزنىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىشقا تىرىشىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر