ئەرمېنىيە رايون ھەمكارلىقى بىلەن قانۇنسىز ۋە ئاساسسىز زېمىن تەلەپلىرىدىن بىرنى تاللىشى كېرەك

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەرمېنىيەنىڭ چوقۇم رايون ھەمكارلىقى بىلەن قوشنىلىرىغا قارشى قانۇنسىز ۋە ئاساسسىز زېمىن تەلەپلىرىدىن بىرنى تاللىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

1730808
ئەرمېنىيە رايون ھەمكارلىقى بىلەن قانۇنسىز ۋە ئاساسسىز زېمىن تەلەپلىرىدىن بىرنى تاللىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاراباغ زەپىرىنىڭ بىرىنچى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتابنامە ئېلان قىلدى.

خىتابنامەدە، ئەرمېنىيەنىڭ بارغانسېرى كۈچەيگەن ھۇجۇملىرى ۋە ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارشى 2020-يىلى 27-سېنتەبىردە باشلىنىپ 44 كۈن داۋاملاشقان «ۋەتەن ئۇرۇشى» نەتىجىسىدە، ئەزەربەيجاننىڭ زېمىنلىرىنى ئىشغالىيەتتىن قۇتقۇزغانلىقى خاتىرىلىتىلدى.

خىتابنامەدە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارلىرى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ قارارلىرىغا ئۇيغۇن ھالدا ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ ۋە تەخمىنەن 1 مىليون ئەزەربەيجانلىق كۆچمەننىڭ ئانا يۇرتلىرىدا ياشاش ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

خىتابنامەدە، 2020-يىلى 10-نويابىر ئەزەربەيجان، رۇسىيە ۋە ئەرمېنىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئىمزالىغان خىتابنامە بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ مەغلۇبىيىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى؛ كەلبەجەر، ئاغدام ۋە لاچىن ۋىلايەتلىرىدىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرگەنلىكى؛ بۇنىڭ بىلەن، مەسىلىنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

خىتابنامەدە يەنە، ئەرمېنىيەنىڭ تەخمىنەن 30 يىللىق ئۇرۇشقاق سىياسىتى، خەلقئارا قانۇنغا قىلغان خىلاپلىقلىرى ۋە ئۇرۇش جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن سوتقا تارتىلىشى ئۈچۈن ئەزەربەيجاننىڭ زۆرۈر قەدەملەرنى تاشلغانلىقى ھەمدە بۇ مۇساپىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

خىتابنامەدە، جىنايەتچىلەرنىڭ جازاغا تارتىلىشى، ئادالەتنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ۋە كەلگۈسىدە بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ تەكرار يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېيتقاندا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە مۇنداق دېيىلدى:

«ئىشغال ئامىلىنى ئوتتۇرىدىن يوق قىلغان ئەزەربەيجان، خەلقئارالىق قانۇن پىرىنسىپلىرىغا، بولۇپمۇ ئىگىلىك ھوقۇق، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خەلقئارالىق چېگرالارنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىمايدىغان پىرىنسىپلارغا قەتئىي ئەمەل قىلىش شەرتى ئاستىدا ئەرمېنىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشقا تەييار. رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۈچ تەرەپ خىتابنامەسىنى تولۇق يولغا قويۇش ئىنتايىن مۇھىم. ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ بۇ توغرىدا باسقان قەدەملىرىگە جاۋاب بېرىشى كۈتۈلمەكتە. ئەرمېنىيە چوقۇم رايون ھەمكارلىقى بىلەن قوشنىلىرىغا قارشى قانۇنسىز ۋە ئاساسسىز زېمىن تەلەپلىرىدىن بىرنى تاللىشى كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ جەھەتتە ئاكتىپ رول ئوينىشى ۋە ئەرمېنىيەنى تىنچلىقتىن باشقا تاللاشنىڭ يوقلۇقىنى چۈشىنىشكە چاقىرىشى كېرەك. ئەرمېنىيەدىكى ئۆچ ئېلىش خاھىشى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ قوراللىنىشىغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك قوللاش ئۇرۇنۇشلىرى ئاخىرلىشىشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر