ئۆزبېكستاندا سايلامنىڭ رەسمىي نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى

ئۆزبېكستاندا 24-ئۆكتەبىر (2021) دە ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ھازىرقى پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزايېۋنىڭ غەلىبە قىلغانلىقى رەسمىي ئېلان قىلىندى.

1726581
ئۆزبېكستاندا سايلامنىڭ رەسمىي نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكستان مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ باشلىقى زاينىددىن نىزامخوجايېۋ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ رەسمىي نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ سايلامدا %80.12 ئاۋازغا ئېرىشكەن، لىبېرال دېموكرات پارتىيەسى نامزات كۆرسەتكەن ھازىرقى پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزايېۋنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئۇ شەۋكەت مىرزايېۋنىڭ 12 مىليون 988 مىڭ 964 ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ئېكولوگىيە پارتىيەسىنىڭ نامزاتى نارزۇللاھ ئوبلومۇرادوۋنىڭ %4.14 ئاۋازغا، خەلق دېموكرات پارتىيەسىنىڭ نامزاتى مەقسۇدا ۋورىسوۋانىڭ %6.63 ئاۋازغا، ئادالەت ئىجتىمائىي دېموكرات پارتىيەسىنىڭ نامزاتى بەھرام ئابدۇىامىلوۋنىڭ %3.39 ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا 16 مىليون 212 مىڭ 343 سايلىغۇچىنىڭ ئاۋاز تاشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ %80.4 كە يەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر