ئۆزبېكىستان خەلقى يېڭى پىرېزىدېنتىنى سايلىماقتا

ئۆزبېكىستاندا خەلقى دۆلەتنى 5 يىل باشقۇرىدىغان يېڭى پرېزىدېنتنى سايلاش ئۈچۈن بېلەت تاشلايدۇ.

1724006
ئۆزبېكىستان خەلقى يېڭى پىرېزىدېنتىنى سايلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستاننى 27 يىل باشقۇرغان تۇنجى پىرېزىدېنت ئىسلام كەرىموۋ 2016 – يىلى سىنتەبىردە ۋاپات بولغاندىن كېيىن،  شۇ يىلى 12-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇددەتتىن ئىلگىرىكى سالامدىن بۇيان تۇنجى قېتىم پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

رۇيخەتكە ئېلىنغان 21 مىليون 266 مىڭ سايلىغۇچى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا بېلەت تاشلىيالايدۇ.

قانۇنغا بىنائەن سايلامدا پەقەت سىياسى پارتىيەلەرلا پرېزىدېنت نامزاتلىرىنى چىقارالايدۇ.

بۇ قېتىمقى سايلامدا ئېكولوگىيە پارتىيەسىدىن نارزۇللا ئوبلومۇرادوۋ، خەلق دېموكراتىيە پارتىيەسىدىن ماقسۇدا ۋورىسوۋا، مىللىي تەرەققىيات دېموكرات پارتىيەسىدىن ئالىش قادىروۋ، ئادالەت سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بەھروم ئابدۇھالىموۋ ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىدىن قايتا نامزات كۆرسىتىلگەن پېرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيويېۋ رىقابەتكە چۈشىدۇ.

قانۇنغا بىنەئەن، بېلەت تاشلاش نىسبىتى %33 تىن ئاشقان سايلاملار كۈچكە ئىگە ھېسابلىنىدۇ. ھەر قانداق بىر نامزاتنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن چوقۇم يېرىمدىن كۆپرەك بېلەتكە ئېرىشىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا ئەڭ كۆپ بېلەتكە ئېرىشكەن ئىككى نامزات ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلامغا قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر