ئەردوغان ئەزەربەيجاندا فۇزۇلى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ ئېچىلىش لىنتىسىنى كېسىدۇ

ئەزەربەيجاندىكى فۇزۇلى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى 26-ئۆكتەبىر جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئىشقا كىرىشتۈرىلىدۇ.

1724078
ئەردوغان ئەزەربەيجاندا فۇزۇلى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ ئېچىلىش لىنتىسىنى كېسىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاننىڭ ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلغان يەرلەردە ئەمەلگە ئاشۇرغان تۇنجى چوڭ لايىھەسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا بىر قانچە كۈن قالدى.  

فۇزۇلى شەھىرىدە تۈركىيەلىك ۋە ئەزەربەيجانلىق ئىنژېنېرلارنىڭ ئورتاق خىزمەتلىرى بىلەن ئايرودۇرۇم ياسالدى.

ئايرودۇرۇمغا  14-يانۋار ئۇل سېلىنغان بولۇپ، 124 گېكتارلىق يەرگە سېلىنغان قۇرۇلۇش تاماملاندى. ئايرودۇرۇم ئۇزۇنلۇقى 3 كىلومېتىر، كەڭلىكى 60 مېتىر كېلىدىغان چوڭ ئۇچۇش يولىغا ئىگە.

پايتەخت باكۇ بىلەن فۇزۇلى شەھىرى ئارىسىدىكى قاتناشنى يېرىم سائەتكە قىسقارتىدىغان بۇ ئايرودۇرۇم، تەمىنلەش ۋە ئەشيا ئوبوروتى خىزمىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلىنغان يەرلەرنى تۇنجى قېتىم رەسمىي زىيارەت قىلغان دۆلەت رەھبىرى بولغان ئىدى.

فۇزۇلى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى 26-ئۆكتەبىردە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئېچىلىش مۇراسىمدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

ئايرودۇرۇمدا تۇنجى رەسمىي كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر