تۈركىيە-ئەزەربەيجان بىرلەشمە ئاخبارات مۇنبىرىگە تۈرك كېڭىشىگە ئەزا بارلىق دۆلەتلەرتەكلىپ قىلىندى

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسى دېرىكتورى فاخرەتتىن ئالتۇن تۈركىيە-ئەزەربەيجان بىرلەشمە ئاخبارات مۇنبىرىگە تۈرك كېڭىشىگە ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1724034
تۈركىيە-ئەزەربەيجان بىرلەشمە ئاخبارات مۇنبىرىگە تۈرك كېڭىشىگە ئەزا بارلىق دۆلەتلەرتەكلىپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاخرەتتىن ئالتۇن جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسىنىڭ ساھىپخانلىقىدىكى تۈرك كېڭىشى ئاخبارات مۇنبىرى دائىرىسىدە تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى ئۇچرىشىشتا، مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە-ئەزەربەيجان بىرلەشمە ئاخبارات مۇنبىرى ھەققىدە توختالدى.

فاخرەتتىن ئالتۇن ئەزەربەيجاننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ھىكمەت ھاجىيېۋ بىلەن قۇرۇلغان خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىغا ئۆزلىرىنىڭ رىياسەتچىلىك قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنبەردە تېز يولغا قويغىلى بولىدىغان لاياقەتلىك لايىھەلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، ھەمدە 6 ساھەدە خىزمەت كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

فاخرەتتىن ئالتۇن مۇنبەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرىشى ۋە سىستېمىلىشىش جەھەتتىن مۇھىم بولغان قانۇن چىقىرىش ۋە باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ، ««ئەگەر بىز بۇ مېخانىزىمنى توغرا سىستېمىلاشتۇرساق، ئىشىنىمىزكى، تۈرك كېڭىشىگە ئەزا بارلىق دۆلەتلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر بۇ ئورتاق مۇنبەرگە تۆھپە قوشالايدۇ. ھاجىيېۋ ئەپەندى ۋە بىز باشتىن-ئاخىر شۇنى ئېنىق ئىپادىلەپ كېلىۋاتىمىزكى، بۇ تۈركىيە - ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى  بىرلەشمە ئاخبارات مۇنبىرى، ئەمما بىز تۈرك كېڭىشىگە ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنى بۇ مۇنبەرگە تەكلىپ قىلىۋاتىمىز.  بۇ بىرلىكتىن بارلىققا كېلىدىغان كۈچنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى قاراباغ غەلبىسى جەريانىدا ھەممىگە كۆرسەتتۇق » دېدى.

فاخرەتتىن ئالتۇن: «ئەگەر بىز بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە بولىدىغان بولساق، تۈرك دۇنياسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتۈر تەشۋىقاتلارغا  قارشى تۇرالايمىز. دۇنيا جامائەت پىكىرى ۋە ئۆزىمىزنىڭ جامائەت پىكىرىنى توغرا شەكىللەندۈرەلەيمىز. بۇ ئارقىلىق تۈرك دۇنياسى ۋە دۆلەتلىرىمىزگە قارشى سىستېمىلىق ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئاكتىيورلارغا قارشى ھەقىقىي كۈرەش قىلغىلى بولىدۇ» دېگەننىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر