قىرغىزىستان تۈركىيەدىن قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئالىدۇ

قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتىتىنىڭ باشلىقى گېنېرال قامچىبېك تاشيېۋ،  تۈركىيەدىن «Bayraktar TB2» ناملىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سېتىۋالىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1723301
قىرغىزىستان تۈركىيەدىن قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتىتىنىڭ باشلىقى گېنېرال قامچىبېك تاشيېۋ، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋنىڭ  ئىشتىراك قىلىشىدا ئۆتكۈزۈلگەن، قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ئۈچۈن تۇنجى قېتىم سېتىۋېلىنغان ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمىدىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەدىن «Bayraktar TB2» ناملىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سېتىۋاېلىش توغرۇلۇق زاكاز قىلغانلىقلىرىنى ۋە بۇ ئاپپاراتلارنىڭ پات يېقىندا ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ساناقلىق دۆلەتلەرنىڭلا قولىدا بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ دۆلەتلەردىن بىرى قىرغىزىستان بولىدۇ، دەرۋەقە، قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلىتىلىدىغان شەخسلەر تۈركىيەدە تەربىيەلەندى، بۇ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى پات يېقىندا دۆلىتىمىزگە كېلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر