باكۇنىڭ داڭلىق بىنالىرى ئەزەربەيجان بايرىقىنىڭ رەڭگىگە پۈركەندى

ئەزەربەيجاندا 44 كۈنلۈك ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى يىلى شېھىتلەرنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن باكۇنىڭ داڭلىق بىنالىرىغا ئەزەربەيجان بايرىقى ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

1711371
باكۇنىڭ داڭلىق بىنالىرى ئەزەربەيجان بايرىقىنىڭ رەڭگىگە پۈركەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاندا (تۈنۈگۈن) ئەتىگەن تەرەپلەردىن ئېتىبارەن باشلانغان شېھىتلەرنى خاتىرىلەش كۈنى پائالىيەتلىرى، كەچ تەرەپلەردىمۇ داۋاملاشتى.

باكۇنىڭ يېڭى بىناكارلىق سىمۋوللىرىدىن  Flame Towers  ۋە ھەيدەر ئەلىيېۋ مەركىزى، دۆلەت بايرىقىنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى بىلەن يورۇتۇلدى.

پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن (تۈنۈگۈن) قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ۋەتەن  ئۇرۇشى ئابىدەسى ۋە زەپەر مۇزېي ساھەسىدىن، شېھىتلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن تەخمىنەن 3 مىڭ تىلەك پانوسى ھاۋاغا قويۇپ بېرىلدى.

2 – قاراباغ ئۇرۇشىدا ئەزەربەيجان ئارمىيەسىدىن 2 مىڭ 907 ئەسكەر شېھىت بولغانىدى. پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ، ھەربىي ھەرىكەت باشلانغان 27 – سېنتەبىرنى «شېھىتلەرنى خاتىرىلەش كۈنى» ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر