ئۆزبېكىستاندا پاناھلىنىۋاتقان ئافغانىستان پۇقرالىرى ئۈچىنچى دۆلەتكە كەتتى

تالىبان ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى ئالقىنىغا ئالغاندىن كېيىن، ئۆزبېكىستاندا پاناھلانغان ئافغانىستان ئەسكەرلىرى ۋە پۇقرالىرىنىڭ ئۆزبېكىستاندىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1706364
ئۆزبېكىستاندا پاناھلىنىۋاتقان ئافغانىستان پۇقرالىرى ئۈچىنچى دۆلەتكە كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆتكەن ئايدا تالىبان ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن تالىباندىن قېچىپ، قانۇنسىز يوللار بىلەن ئۆزبېكىستانغا كىرگەن ۋە ئارىسىدا ئەسكەرلەرمۇ بولغان بارلىق ئافغانىستان پۇقرالىرىنىڭ يېقىنقى ئىككى كۈن ئىچىدە دۆلەتتىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە ئۈچىنچى دۆلەتكە كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

تالىبان ئالدىنقى ئايدا ئافغانىستاننى كونتروللۇقى ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن، ھەربىي ئۇچقۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئافغانىستان پۇقراسى ۋە 585 نەپەر ئافغانىستان ئەسكىرى قانۇنسىز يوللار بىلەن ئۆزبېكىستانغا كېلىۋالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر