قازاقىستان ۋۇخەن ۋىرۇسى تەدبىرلىرىنى بوشىتىشنى قارار قىلدى

قازاقىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىجرا قىلىنغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بوشىتىلىدۇ.

1705798
قازاقىستان ۋۇخەن ۋىرۇسى تەدبىرلىرىنى بوشىتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرنى بوشىتىش قارارى يولغا قويۇلدى.

قازاقىستاندا ئىمزالىنىپ ئېلان قىلىنغان يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، بۈگۈن (2021-يىلى 13-سېنتەبىر) دىن باشلاپ، يۈز تۇرانە يىغىنلارنىڭ ئېچىلىشىغا، ھەپتە ئاخىرلىرى ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ قاتنىشىغا، دۆلەتلىك كوماندا ۋە تەنتەربىيە كۇلۇبلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ۋە جامە ھويلىلىرىدا جامائەتنىڭ ناماز ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلىنغان.

ۋاكسىنا ئەملەتمىگەنلەرنىڭ ھەپتە ئاخىرلىرى مەركەزلەردە سودا-سېتىق قىلىشىنى ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا كىرىشىنى چەكلەش قارارى داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ.

قازاقىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسىنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى شىشىسىنى ئەملەتكەنلەر 6 مىليونغا يېقىنلاشقان بولۇپ، يېقىنقى 24 سائەتتە 3 مىڭ 959 كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر